شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى 6-فېۋرال خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى بۆگۈن سائەت 12:30 دە، س ب ئا دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 39-ئايلانمىسىدا، نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى شەنشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە ئىككى كوماندىنىڭ تاشقى سەپتىكى قول سېزىمى ياخشى بولدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەنشى كوماندىسى ئىككى نومۇر ئالدىدا تۇردى.
ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ داۋاملىق تىركىشىش ھالىتىدە تۇردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا شەنشى كوماندىسى داۋاملىق ئىككى نومۇر ئالدىدا تۇردى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا تاشقى سەپتە يەنە بىر قېتىم قىزغىن قارشىلاشتى، ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا شەنشى كوماندىسى نومۇر پەرقىنى توققۇز نومۇرغا يەتكۈزدى.
ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى غەلىبە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئەڭ ئاخىرىدا نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى 92-94 نەتىجە بىلەن شەنشى كوماندىسىغا يېڭلىپ قېلىپ ، 2-باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇدى.
ئىككى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتى:
نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى: شىرئەلىجان 10 نومۇر ئېلىپ 7 ياردەمچى پاس بەردى، چياۋ ۋېنخەن 6 نومۇر، ۋەن شېڭۋېي 10 نومۇر، مونتېرى 20 نومۇر 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ھىل 26 نومۇر ئالدى.
شەنشى كوماندىسى: موراند 16 نومۇر 8 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، شىڭ جىچياڭ 5 نومۇر، يۈەن شۈەي 22 نومۇر 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، جوۋ جەن دوڭ 16 نومۇر ئېلىپ 6 ياردەمچى پاس بەردى، جاڭ نىڭ 7 نومۇر ئالدى.
توڭشى-شەنشى پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە فىلىمى