مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
تەرەت تۇڭىدىكى سۇنى ماڭدۇرغاندا تەرەت تۇڭى قاپقىقىنى يېپىۋېتىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلە بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
بەزى كىشىلەر تەرەت تۇڭىنىڭ قاپقىقىنى يېپىۋەتمەي سۇ ماڭدۇرغاندا باكتېرىيەلەر ئۈستىگە ئۆرلەپ چىش چوتكىسى، لۆڭگە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىككىلەمچى بۇلغىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، تەرەت تۇڭىنىڭ سۈيىنى ماڭدۇرغاندا قاپقىقىنى يېپىۋەتمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى تەرەت تۇڭىغا سىفون پىرىنسىپى قوللىنىلغان بولغاچقا، مەينەت نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ، ئىككىلەمچى بۇلغىنىش پەيدا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
بۇ سۇئالنىڭ توغرا جاۋابىنى تۆۋەندىكى تەجرىبىدىن بىلىۋالالايلى.
تەرەت تۇڭىغا قۇرۇق مۇز تۆكۈش تەجرىبىسى
ئالدى بىلەن تەرەت تۇڭىدىكى باكتېرىيەلەرگە تەقلىد قىلىش ئۈچۈن قۇرۇق مۇزنى تەرەت تۇڭىغا تۆكىمىز. چۈنكى قۇرۇق مۇزدىن چىققان گازنىڭ زىچلىقى ھاۋادىن چوڭ بولغاچقا، قۇرۇق مۇزدىن چىققان تۇمان تەرەت تۇڭىنىڭ ئاستىغا چۆكىدۇ.
تەرەت تۇڭىنىڭ سۈيىنى ماڭدۇرغاندا، تەرەت تۇڭىدىكى قۇرۇق مۇزدىن چىققان تۇمان دەرھال يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇماننىڭ ئەتراپقا تارقىلىش دەرىجىسى ئاساسلىقى ھاۋا ئېقىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، سۇ ئېقىش جەريانىدا ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولىدۇ، سۇنىڭ بېسىمى قانچە كۈچلۈك بولسا، ھاۋا ئېقىمىمۇ شۇنچە چوڭىيىدۇ ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.
Ros Music - 微信:Bilzar00:0002:45未加入話題添加話題ھاجەتخانىدىكى باكتېرىيەلەرنى تەكشۈرۈش سىنىقى
ئارقىدىن، تەتقىقاتچىلار خالىغان بىر ئۆينىڭ ھاجەتخانا ھاۋاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، كەسپىي مكرو جانلىقلار تەجرىبىخانىسىدا يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان.
48 سائەتتىن كېيىن، يېتىشتۈرۈش قاچىسىدا يېتىشتۈرگەن نەتىجىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ھاۋا ئەۋرىشكىسىدە ئاساسلىقى گارسىنىيە دەرىخى مىكرو شارچە باكتېرىيەسى (藤黃微球菌)، سۇبتىلىس تاياقچە باكتېرىيەسى (枯草芽孢桿菌)، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى (大腸桿菌)، قارا ئاسپېرگىل (黑麴黴)، كاندىدا ئالبىكانس زەمبۇرۇغى (白色念珠菌)، قىزىل ئېچىتقۇ (紅酵母菌)، مۇكور زەمبۇرۇغى (毛黴)، ئافلاتوكسىن (黃麴黴) قاتارلىق باكتېرىيەلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېتىشتۈرۈش قاچىسىدا يېتىشتۈرگەن باكتېرىيەنىڭ سانى ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ ئىكەن.
ئۇنداقتا بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيىنى بار؟
گارسىنىيە دەرىخى مىكرو شارچە باكتېرىيەسى (藤黃微球菌): بۇ خىل باكتېرىيە شەرتلىك كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە بولۇپ، يارا ئېغىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى توقۇلمىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ، تېخىمۇ ئېغىر يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك ئىچى پەردىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر...
چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى (大腸桿菌): بۇ خىل باكتېرىيە بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش، قۇرامىغا يەتكەنلەردە ئىچ سۈرۈش ياكى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قارا ئاسپېرگىل (黑麴黴): نەم مۇھىتتا، قارا ئاسپېرگىل تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كىيىملەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئافلاتوكسىن (黃麴黴): بۇ خىل باكتېرىيە بىرىنچى تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى مادا بولۇپ، زەھەرلىك. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جىگەر توقۇلمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ باكتېرىيە، زەمبۇرۇغلار ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا ئومۇمەن مەۋجۇت. ئەگەر شەخسنىڭ ئەسلىدىنلا كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولسا، بۇ خىل باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلار نەپەس يولىغا كىرىپ كەتسىلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىلاردا بەزى باكتېرىيە خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يىرىڭلىق قاپارتقۇ، يارا تۈك خالتا ياللۇغى قاتارلىقلار... شۇڭا، ئادەتتە تەرەت تۇڭىنى كۆپرەك تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ بېرىش كېرەك.
ھەر كۆرىشىڭىزنىڭ قىممىتى بار