غەرىپكە ساياھەت فىلىمى نىمە ئۈچۈن كۆرۈرمەنلەرنى 34يىل ئالدايدۇ

2021-03-01 新疆天氣預報

« غەربكە ساياھەت» تۆت داڭلىق ئەسەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تا بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن قېتىم قايتا ئىشلەنگەن، لېكىن كىشىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يەنىلا 86-نەشىرىدىكى« غەربكە ساياھەت» . نۇرغۇن نەشرلەر ئىچىدە 86 نەشرىدىكى« غەربكە ساياھەت» نىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى ئەمەس، ۋەقەلىكى ئەڭ ئېسىل ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ ئەڭ جاپالىق ئىشلەپ چىقىلغان ئەسەر. سۈرەتكە ئېلىشقا تەييارلىق قىلىشتىن تارتىپ سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقانغا قەدەر، رېژىسسور توپتوغرا ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان بولۇپ، فىلىمدىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىي سۈرەتكە ئېلىش قوللىنىلغان. شۇنچە كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، ئامالسىز ئەينى چاغدا سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى زىيادە قالاق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە« غەربكە ساياھەت» نى قايتا كۆرگەندە، ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ ئالاھىدە ئۈنۈمنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

ھەممىگە مەلۇمكى، سۇن ۋۇكۇڭ تاشنىڭ يوچۇقىدىن سەكرەپ چىققان پەيتتە بوشلۇقتا ئۇدا نەچچە قېتىم موللاق ئېتىپ سەكرەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغاندا، ئەينەن ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، رېژىسسور سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسىنى تەكلىپ قىلىپلا قالماي، يەنە ترامپولىن قورالىنىمۇ تەييارلاپ، بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغان. سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن كۆپچىلىك رېژىسسورغا نىسبەتەن قىيىن ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رېژىسسورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ قىيىن بولغان كۆرۈنۈش سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئاسماندا ئۇچقىنى تەسۋىرلەنگەن.كۆرۈنۈش ماۋۇ ئېلاننى دەسسىگەچ ئۈتۈپ كىتىڭ


 

بۇ كۆرۈنۈشنى ھازىر قويساق،  كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ئاددى، پەقەت بىر نەچچە تېلېكامېرانى ئارتۇق تەييارلىساقلا بولىدۇ. لېكىن، ئۇ چاغلاردا پەقەت بىرلا تېلېكامېرا بولۇپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ لەيلەش ھالىتىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن رېژىسسورلۇق گۇرۇپپىسى كۆپ باش قاتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا سىيرىلما تاختىغا تايىنىپ بۇنى سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىغان. بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە، ئەگەر كۆپچىلىك تەپسىلىي كۆرسە، قۇرۇق مۇزنىڭ نېپىزلەپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.

« غەربكە ساياھەت» كە نەزەر سالساق، ئەڭ قالتىس كۆرۈنۈش، ئېلىشىشتىن باشقا، ئەرىش ئوردىسى ،ئۇ غەربكە ساياھەت ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل كۆرۈنۈش. ھەر قېتىم ئەرىش ئوردىسىنى كۆرگەندە، بىر خىل نەق مەيداندا تۇرغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە« غەربكە ساياھەت» تە ھەقىقىي مەنزىرە ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىلسا، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەجەبا دۇنيادا راستتىنلا ئەرىش ئوردىسى مەۋجۇتمۇ؟  ھەرقايسىڭلارنىڭ ئەرىش ئوردىسىغا ئالدانغىنىغا 30 نەچچە يىل بولدى، ئەمەلىيەتتە ئەرىش ئوردىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئەرىش ئوردىسىىدىكى كۆپۈكچىلەر سۇ ساندۇقىدىن چىقىدۇ، باشقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى رېژىسسورغا تايىنىپ ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، كۆپچىلىك« غەربكە ساياھەت» نىڭ86-يىلدىكى بۇ نەشرىدە يەنە قانداق يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ھەر قايسى دوستلارنىڭ ئىنكاس رايۇنىغا سۆز قالدۇرۇشىنى ھەم ئاستىدىكى ئېلاننى مىرىتتىدە بىرنى بېسىۋىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن 

相關焦點