جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تور ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشقا باشلىدى ، ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا دېگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون بار شۇنداقلا نۆۋەتتىكى تور ھەققى بىر قەدەر قىممەت ، سۈرئىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچ ، تور ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆيگە روتېردىن بىرنى ئورنىتىپ، WiFi تارقىتىپ، تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى. ھازىر ھەتتا بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا كىرگەندىمۇ، دۇئا قىلىپ تىنچ ئامانلىق سوراشتىن بۇرۇن سىمسىز تورنىڭ پارولىنى سوراش ئادەتكە ئايلىنىپ قالاي دېدى. سىز بىر قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا، شىركەتتە ، ئائىلىدە سىمسىز تور بولسا ئەلۋەتتە جىق ئىشقا قولايلىق، لېكىن روتېردا بىر يوچۇق مەۋجۇت، ناۋادا مۇشۇ يوچۇقنى ۋاقتىدا ئەتمىسىڭىز، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ، قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا، بىھۇدە ئازار يەيدىغىنى ، ئائىلىسى رىيازەت چېكىپ، مىڭ جاپادا قۇرغان ئىگىلىكى ۋەيران بولىدىغىنى سىز، بەزىلەرنىڭ مۇشۇ تۈپەيلى يېمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ، ئۆيدىكى، شىركەتتىكى WiFi لارنى چۇۋۇپ تاشلىغانلىقىنى ، ياكى يېڭى قۇرغان شىركىتىگە سىمسىزتور ئورنىتىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز، پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سېلىش ئەلۋەتتە ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى سىمسىز توردىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، سىزنى بالاغا تېقىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟
تۆۋەندە قانۇن سالونىمىزدا سىمسىز توردا ساقلانغان بىخەتەرلىك يوچۇقىنى ئېتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز ، ناۋادا ئۆيىڭىزدە، شىركىتىڭىزدە سىمسىز تور بولسا، تىنچ ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن بۇ يوچۇقنى ئېتىپ تاشلاڭ، ناۋادا يېڭىدىن سىمسىز تور ئورناتماقچى بولسىڭىز چوقۇم تورنى تەڭشىگەندە تۆۋەندىكى يوچۇقنى ئەتكۈزۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ.
بىرىنچى : شۇ سىمسىز تورغا ئۇلانغان تېلېفوندا ياكى كومپيۇتېردا تور كۆرگۈنى ئېچىڭ ( تۆۋەندە ئالما تېلېفون مىسال قىلىندى )
ئىككىنچى : تور كۆرگۈنىڭ ئادرېس سىتونىغا 192.168.1.1 نى كىرگۈزۈڭ ( %99.99 ئەھۋالدا مۇشۇ ئادېرىس، ئىنتايىن ئاز ساندىكى روتېرلاردا ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇ روتېرنىڭ ئەسلىدىكى تەڭشىكىگە باغلىق، ئۇ ئادرېسنى ئاچقىلى بولمىسا 192.168.1.0 ياكى 192.168.0.1 نى سىناپ باقىسىز )
ئۈچىنچى : سىمسىز تور تەڭشەش كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىشتىن ئاۋۋالقى باشقۇرغۇچى پارولىنى كىرگۈزىمىز ( ناۋادا سىزنىڭ روتېرىڭىز بۇرۇنقى كونا تىپتىكى روتېرلاردىن بولسا، بىۋاسىتە سىمسىز تور تەڭشەش كۆرۈنمە يۈزىگە كېرىدۇ ، پارول تەلەپ قىلمايدۇ )، ناۋادا پارول بەلگىلىمىگەن بولسىڭىز ، سىستېما بەلگىلىگەن پارول admin ( ناۋادا يېڭى تىپتىكى روتېربولسا، بىخەتەرلىكىڭىز ئۈچۈن چوقۇم بۇ پارولنى ئۆزگەرتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز )
تۆتىنچى : سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن رەسىمدىكى قىزىل كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان 無線設置 دېگەن خەتنى تاللاڭ.
بەشىنچى : رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك 無線設置 نىڭ ئاستىدىكى 基本設置 دېگەن خەتنى چېكىپ، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ
ئالتىنچى : بۇنىڭدىكى SSID 號 دېگەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ سىمسىز تورىنىڭ نامى بولۇپ، بۇنى خالىغانچە قويسىڭىز بولىدۇ، بىراق ئەڭ ياخشىسى قىسقىراق بولغىنى ياخشى، مەسىلەن ئىسىمىڭىزنىڭ بىر نەچچە ھەرىپى، بالىڭىزنىڭ ئىسمى دېگەندەك.
يەتتىنچى : بىرىنچى قۇردىكى 開啟無線功能 دېگەن خەتنىڭ ئالدىغا چىقىلماڭ، ناۋادا توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسىڭىز، سىمسىز تور يوقايدۇ، 開啟SSID廣播دېگەن خەتنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋىتىمىز،ئاندىن 確定دېگەن خەتنى بېسىپ مۇقىملاشتۇرىمىز. بۇ چاغدا سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ياكى شىركىتىڭىزدە سىمسىز تور بار بولىدۇ، لېكىن باشقىلار ئۇ تورنى كۆرەلمەيدۇ.
بىز بۇ يەردە مىسال ئۈچۈن YY دەپ قويايلى
سەككىزىنچى : بىز بۇ يەردە پەقەت يوچۇق ئېتىشنى مۇلاھىزە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن پارولنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا گەپ ساتمىدۇق، شۇڭا پارول ئۆزىڭىزنى ئەسلىدىكى سىمسىز تورنىڭ پارولى بولىدۇ، پارولنى ئۆزگەرتىش ئانچە تەس ئەمەس، توردىن ئاختۇرۇپ كۆرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق، چۈنكى خەقتە ئاچقۇچ بولغان بىلەن، قۇلۇپنى يوشۇرۋالسىڭىز يەنىلا ئاچالمايدۇ ئەمەسمۇ.
توققۇزىنچى : چىققان رەسىمدىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن خەتنى تاللاپ، روتېرنى باشتىن قوزغىتىمىز.
مەشغۇلات تامام
ئەمدى ھىچكىم سىزنىڭ سىمسىزتورىڭىزنىڭ نامىنى كۆرەلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ سىمسىز تورىنى ئىگىسىگە تۇيدۇرماستىن نومۇسسىزلارچە ئوغرىلاپ ئىشلىتىدىغان تور دىۋانىلىرىمۇ سىزنىڭ سىمسىز تورىڭىزنى بايقىيالمىغاچ ، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ سىمسىز تورنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ ، سىزنى بالاغا تىقىشىدىن ئەنسىرمسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سىمسىز تورنى يوشۇرۇش تاماملاندى، ئەمدى تۆۋەندە تېلېفوننى سىمسىز تورغا قانداق ئۇلاشنى تونۇشتۇرىمىز.
بىرىنچى : سىمسىز تورنى ئېچىڭ.
ئىككىنچى : 選取網絡دېگەن تىزىملىك ئاستىدىكى ... 其他 نى بېسىڭ
ئۈچىنچى : رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تور نامى، بىخەتەرلىك كېلىشىمى ۋە مەخپىي نومۇرلارنى قولدا توشقۇزۇپ بولۇپ ، مۇقىملاشتۇرىمىز.
بۇ يەردە 安全性 دېگەنگە چوقۇم WPA2 نى تاللاڭ
ھازىر سىزنىڭ تېلېفونىڭىزتورغا چىقالايدۇ، لېكىن يېنىڭىزدىكىلەرنىڭ تېلېفونى بۇ سىگنالنى بايقىيالمايدۇ، ئۆيىڭىزگە مېھمانلار كەلگەندە مەخپىي نومۇرنى سورىسا ، يۇقىرىقىدەك تەرتىپ بويىچە توشقۇزۇپ بەرسىڭىزلا كۇپايە.
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىمسىز تورنى يوشۇرۋالغاندا، ئادەتتە تور قەلەندەرلىرىنىڭ سىزنىڭ تورىڭىزنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ، تور سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىشتىن سىرت ئەڭ مۇھىمى ھازىرقىدەك سەزگۈر ۋەزىيەتتە قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ سىزنىڭ تورىڭىزدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، قانۇنسىز قىلمىشلاربىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاخىرىدا سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى بالاغا تىقىپ خانىۋەيران قىلىۋېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ناۋادا سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە ياكى شىركىتىڭىزدە ياكى ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە سىمسىز تور بولسا، چوقۇم مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يوچۇقنى ئېتىپ تاشلىشىڭىزنى سورايمىز.
يازما يارىغان بولسا ئاستىدىكى چىپار كودنى سايىلەپ يازما تەييارلىغۇچىغا ئۆرۈمە قىلىسىز بولىدۇ
ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك يار بولغاي