«ناياڭپارنىڭ قىزلىرى»نىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى قانداق بولدى؟

2021-02-11 Guzal婦女平臺

دوسىتلار چەمبىركى ۋە توپلارغا يوللاپ قويۇڭ


10 يىل بۇرۇن «ناياڭپارنىڭ قىزلىرى»(傳聞中的七公主) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى نۇرغۇن قېتىملاپ قايتىلاپ قويۇلغان، ئىشقىلىپ زېرىكتۈرمەيدىغان تىياتىر ئىدى. يېقىندا مۇشۇ تىياتىردىكى ئارتىسلارنىڭ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلىشىپ قالدۇق.

ئەينى ۋاقىتتا كۆپىنچىمىز سەرچىرنىڭ رولىنى ئالغان لى تاراننى ياقتۇراتتۇق، لېكىن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى، پەقەت جۇڭگودا ئىشلىگەن «بۇلۇت ئۈستىدىكى ۋەسۋەسە»(雲上的誘惑) فىلىمىدە رول ئالغانلىقى مەلۇم بولدى.

سەرچىرنى تىلغا ئالغاندا پاك ھېجىننىڭ رولىنى ئالغا نيەن يونامنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى ھەممەيلەننى شۇنچىلىك تەسىرلەندۈرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان قوشكېزەك قىزلارمۇ شۇنداق ئوماق ئىدى. ھازىر نيەن يونام كاتتا چولپان بولۇپ، يېڭى فىلىملەرنى خېلى كۆپ ئىشلەۋاتىدۇ.

قالغان ئۈچ قىز ئانچە نام چىقىرالمىدى، مىچىرمۇ «يۇلتۇزنى ماڭا ئۈزۈپ بېرىڭ»(請摘星

星給我) دىن كېيىن بىرەر تىياتىردا رول ئالمىدى.


ئاستىدىكى ئىلاننى دەسسىۋىتىپ ئاندىن داۋامنى ئوقۇڭ 


لى سىئوڭگى 2004-يىلى ناخشىچى سالاھىيىتىدە تونۇلغان، 2009-يىلى «پارلاپ تۇرغان مىراس»(燦爛的遺產) تا، 2010-يىلى «مېنىڭ قىز دوستۇم 9 قۇيرۇقلۇق تۈلكە»(我的女朋友是九尾狐)دە رول ئېلىپ، مۇكاپاتلانغان. رول ئالغان تىياتىرلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.

بۇ تىياتىرغا قاتناشقان چولپانلار ئارىسىدا ئۇ ئەڭ تەرەققىي قىلغىنى بولسا كېرەك. ئۇ يەنە بۇرۇن لىم يۇنئانىڭ ئوغۇل دوستى بولغان.

دەرچىرنىڭ رولىنى ئالغان كىم ھىسان 2 قېتىم ئاجرىشىپ، يېقىندا 3- قېتىم توي قىلغان.

سەرچىرنىڭ رولىنى ئالغان لى تاران 2014-يىلى توي قىلغان. بالىلىق بولۇش پىلانىدا بولىۋېتىپتۇ. يەنىلا شۇنداق لاتاپەتلىك، پاكىز چىراي.

مىچىرنىڭ رولىنى ئالغان چوي جوڭۋونمۇ ئىلگىرىكىدەكلا گۈزەل تۇرۇپتۇ.

ھاڭۋاقتى كەنجى قىز ھازىر ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلىدۇ. لېكىن يەنىلا ئوماق تۇرۇپتۇ.

ئىشقىلىپ قىزلارنىڭ رولىدىكى ئارتىسلارنىڭ يېڭى ئەسەرلىرى چىقمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ قايتا ھەمكارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلامتىڭىز؟

相關焦點