مىنىڭ ئەرۋاھ قىز دوستۇم1-2-3-4-5-6-7-8-9-10-11-12-13-قىسىمغىچە ھ

2021-02-13 Diwa丷平臺

دىۋىنى قوللاشىقا نىمە كىتىدۇ؟

جاۋاپ : دىۋىنى قوللاش شۇنچلىك ئاددى  ئەسەرلەنى ئاۋازىغا ئېلىپ يوللاش ۋە يىزىش ئشلىرىدا جاپا چكىۋاتىقان ئۇقۇغىچى باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن سز پەقەت قوللاش يۈزسدىن رەسىملىك ئېلاننى چكىپ قۇيىسڭىزلا بولىدۇ بىز ئۇقۇغۇچى بىزنڭ تىرشچانلىقىمىزنى قوللىسڭىز ئېلاننى پەقەت بىر چكىۋەتسڭىزلا بولىدۇ شۇنچە ئاددى  👇

دوسلار  پەقەتلار  ئېلان چەكىمەيۋاتىسېلەر  😭


ئۈستىدكى ئېلاننى چكىپ قوللاپ قۇيۇڭ 👆

ئاستىدكى ئەسەرلەر  ھەر كۈنى يىڭلىنىدىغان نادىر ئەسەرلەر بولوپ خالىغان ئەسەرنى باسسڭىزلا  ئاڭلىيالايىسز 👇


بايلىق ئوغىرىسى ناملق ئەسەرنىڭ تولوق قىسىمى بۇيەردە

تۆۋەندىكىسى 

بايلىق ئوغىرىسى 

   نامىلق ئەسەرنىڭ تولوق قىسمى 

تىزملىكىتىن خالىغان قىسمنى تاللاپ ئاڭىلاڭ  

مىنى باسسڭىز 14-قسىمدىن 20-قسىمىگچە بار مۇشۇ خەتنى بىسپ ئاڭىلاڭ 

قۇملۇق ئەپسانىسى  1-2-قسىم  زىل زىلىگە سالىدىغان ئەسەر كەلىدى

مىنىڭ ئەرۋاھ قىز  دوستۇم  نامىلق ئەسەرنىڭ 20- قىسىمىگچە بۇيەردە

13-قىسىم

شۇ تاپتا ئۈزۈم ئۇرۇندۇققا چاپلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن.خىياللىرىم بولسا يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك ئۈزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر يەرلەردە لەيلەپ يۈرىيدۇ ...

ھەي! قۇلۇمدا باياتىن مۇراتنىڭ ئاپىسى ئەچىقىپ بەرگەن قاشتاش زۇننار.... تىلفۇنۇمدا باش سۈرەتسىز ئۈندىداردىن كەلگەن ئۇچۇر :<< ئىلىيار،مىنىڭ ئۇغۇل دوستۇم بۇلۇشنى خالامسىز ؟>>     مەن بۇنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىگە ئۈزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە شۇنچە تىرشىۋاتقان بولساممۇ،لىكىن ماۋۇ ئۇچۇر بىلەن زۇننار مىنى قوقۇتۇپ ،يۈرەك كىسىلى قىپ قۇيايلا دەۋاتاتتى....ھەي ياش ئوتتۇرىغا بامايلا نىمە كۈن بۇ ماڭا،جاھاندا بويتاقنىڭ تولىلىقىدا ماۋۇ ئالۋاستى قىزنىڭ ماڭا چاپلىشىۋاغىنىنى دەيمىنا ....كىلىشكەن سالاپىتىمنىڭ ماڭا بۇنداق ئاۋارچىلىق تېپىپ بىرىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىماپتىكەنمە....ھەي~ ھە ..نىمە ... ئالۋاستى بولسىمۇ لايىق چىققىنىغا خۇش بول دەۋاتامسىلە نىمە....ۋاي -ۋۇي ...! ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلا ئەمدى...ھەقانچە بوسىمۇ ئەمدى  ئۈتەپ تېشىپ ئادەم زاتىدىن لايىق چقماي ،ئالۋاستى بىلەن مۇھاببەتلىشىدىغان كۈنگە قاممىغاندىمەن،،،،ئۇ قىزنىڭ ھەقىقەتەن يۈرەكنى ئويناتقىدەك چىرايلىق ،لاتاپەتلىك ئىكەنلىكىنى تەن ئالىمەن....بەلكىم ئىنسان بوپ قاغان بوسا دۇنيا گۈزىلى بۇلۇپ ،نۇرغۇن يىگىتلەنى داغدا قۇيىشى ئىنىقۇ ئىدى....بۇنداق پەرى سۈپەت قىزنىڭ مۇھابىتىگە ئىرىشىش بىزلەگە نىسپەتەن،پادىچى يىگىتنىڭ تۇقۇمىچى قىزنىڭ مۇھابىتىگە ئىرىشكىنىدەكلا بىر ئىشتە...دۇنيادىن ئارمانسىز كىتىدىغان گەپ....لىكىن ئۇ قانچىلىك چىرايلىق بولسۇن ،ئۇ دىگەن بەرىبىر ئالۋاستى -دە،ئىشلا كۆڭلىدىكىدەك بومماي ،ئاچچىقى كەپ قاسا ھېلىقى قىزىل كۆز ھالىتىگە ئۆزگۈرۈپ مىنى پۈتۈن يۇتىۋەتسىچۇ....غەرىپكە ساياھەتتىكى ئالۋاستىلانىڭمۇ ھەممىسى شۇنداق چىرايلىققۇ،،،لىكىن تاڭسىڭ گىپىگە كۆنمىسىلا يەۋىتىمەن دەپ قوقۇتىدۇ...ئەگەر ئۇمۇ شۇنداق قىسىچۇ....مىنىڭ يە تاڭسىڭغا ئوخشاش مايمۇن شاھ شاگىرتىم بوممسا....ھەي !  سەتەرەك بوسىمۇ يەنىلا ئادىمىزاتنىڭ ئاياللىرى بىخەتەركەن جۇمۇ شۇنىڭغا قارىغاندا،سەت بوسىمۇ ئۇپا-ئەڭلىكتە يۆگىۋاغاندىن كىيىن بىرنىمە قىلىپ ئۆتكىلى بۇلىدۇ....ئاچچىقى كىلىپ سۇقۇشۇپ قاسا،بىرە يېرىمنى ئۇرۇپ ساسىمۇ ،يىغلاپ دەدىنى كۈزىدىن ئالىدۇ ،بەك بوسا ئاپىسىنىڭ ئۈيىگە بېرىپ نەچچە كۈن تۇرۇپ قايتىپ كىلىدۇ...ھەرگىزمۇ مىنى ئۇردۇڭ،،،سىنى دۈملەپ ،قورۇپ يەۋىتىمەن دىمەيدۇ....ھەي ! نىمانداق نەسچىلىكنىڭ ھەممىس ماڭىلا كىلىدىغاندۇ...!!! ھەي!!! گەپ قىمىسا نىمە كۈلىيۋىرىسىلە ھە .... ئادەمنى ئۇنداق مازاق قىمماڭلا ھە ....كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ دىگەن گەپ با جۇمۇ يەنە....ھە

ھەي! تازىمۇبىر  بۇ ئىشلانى قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك ئەمدى.... چۈشۈم ئەمەس دەي دىسەم... مەن ئەتىگەن شۇ ياتقان يىرىمدىن تۇردۇم...سىرتقىمۇ چىقماپتىمەن....مۇراتمۇ ماڭا ئىنىقلا سەن جۆيلۈدۈڭ دەۋاتمامدۇ....دىمەك مىنىڭ چۈش كۆرگىنىم راسىت...ئۇنداقتا بۇ زۇننار بىلەن ئۇچۇرچۇ...بۇنى قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك ئەمدى....ئۇف !پۈتۈنلەي قالايمىقان بوپ كەتتىغۇ ئەمدى....

-ھەي ! ئىليار ....مەن ھەجەپ ئىلگىرى بۇ زۇننارنى كۈرۈپ باقماپتىكەنمەنغۇ ،قاچان سېتىۋاغانىدىڭ ....قاراشقىلا ساختىدەك قىلمايدۇ....قاچاندىن بىرى بۇنداق نەرسىلەرگە پۇل خەشلەيدىغان بوپ قالدىڭلايىق تاپتىڭمۇ نىمە

-ھە ،بۇنى دەمسەن ، ياقەي ، مەن بۇنداق نەرسىلەرگە پۇل خەشلەپ يۈرەتتىممۇ.... ساڭا قانداق چۈشەندۈرەمەن ئەمدى،ئەگەر راسىت بوپ قاسا بۇ بىر قىزنىڭ ئامانىتى....لىكىن مەن ئۇنداق بومماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەنبوممىسا راستىنلا چوڭ ئاۋارچىلىق بۇلىدۇ

-نىمانداق چۈشىنىكسىز  گەپلەرنى قىلىسە....بىرىنى ئۇقالىغان بولسام ئۈلەي گىپىڭدىن....

 ۋاي ئۈلىدىغاننى قۇيۇپ ماشىناڭنى ھەيدىگىنە،بەرىبىر ساڭا دىسەممۇ چۈشەنمەيسە ..چۈشەنسەڭمۇ ئىشەنمەيسە ساڭا دەماللىققا چۈشەندۈرۈپمۇ بولالمايمەن، ماشىنىنى تېزرەك ھەيدىگىنە بۇ نەس باسقان جايدىن تىزراق كىتەيلى....ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ...بەك كىيىن قالساق ئورانگوتاندىن يەنە بىر مۇنچە تىلغا ئاڭلايمىز .

- ماقۇل ، ماقۇل ....

 مۇرات شۇنداق دەپ خوتنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇچقاندەك ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى ، مەن بولسام زۇننارغا قاراپ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشىنەلمەي بېشىمنى قاشلاپ ،خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇراتتىم ... قانچىلىك يول ماڭدۇق بىلمىدىم، بىر چاغ بولغاندا مۇرات ماشىننى بەك قاتتىق  تورمۇزلىدى .

-چاررررررررت .

ماشىنا چاقىنىڭ قاتتىق سۈركەلگەن ئاۋازى بىلەن ماشىنا تېزلا توختىدى مەن قاتتىق تورمۇزنىڭ تەسىرىدە كابىنكىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كىتەيلا دەپ قالدىم...بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىغاچ كابىنكا ئىچىدە توپتەك قاڭقىپ ،نەچچە يورغىلاپ توختۇدۇم... .

-ھەي ، خاپان كاللا  نەگە قاراپ ھەيدەۋاتىسە ماشىننى ... ھەجەپمۇ قاتتىق تۇرمۇزلىدىڭ دىسە ....تاس قالدىم مۇددەتتىن بۇرۇن ياماراجا بىلەن كۆرەشكىلىئادەمنىڭ بىر قورقۇنچىسىنى ئىككى قىلىپ....ھە نىم بولدى زادى....بىرە نەرسىنى  سوقۇۋەتمىگەنسەن ھە .... ۋاي بېشىم!! 

 مەن قاقشىغىنىمچە مۇراتقا قارىدىم...مۇرات بولسا ئۇدۇلغا قاراپ قېتىپ قالغان بۇلۇپ،ۋەھىمىدىن كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدىمەن ئۇنىڭدىن كۈزۈمنى يۆتكەپ ئۇدۇلغا قارىدىم...ماششىندىن بەش مىتىر كەممەيدىغان ئارلىقتا ،يۈزلىرىنى قورۇق باسقىنىدىن ئەسلى چىرايىنى پەرىق قىغىلى بوممايدىغان ،ئورۇقلىقىدىن ئۇچۇپ كىتەيلا دەپ قالغان بىر مۇماي،ھاسسىسىغا تايانغىنىچە يولنىڭ ئوتتۇرىدا بىزگە تىكىلىپ تۇراتتى....ئۇ بىزگە بىردەم قاراپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن،كەينىگە ئۆرۈلۈپلا دوڭغاسلاپ ،قۇرتتەك مېڭىشقا باشلىدى

-ھەي ، ئىليار... ئىليار... ئاداش ، قارىغىنە ئالدىڭغا قارىغىنە... . -ۋاي كۆدۈم... كۈزۈم ساق...تاس قاپسە شۇ ئۇ دۇنياغا ماڭغان ئادەمنىڭ ئۈلۈكىنى ئاغىلى....قاراپ ھەيدىمەمسە ماشىنا دىگەننى ...

-ۋاي-ۋۇي،چوڭ دادا..نىمانداق چۈشەنمەس بۇلىۋالىدىغانسە،كاللاڭنى سىلكىۋەتكىنە بىر  ....ئۇچۇ ...بىز ساڭا دىگەن ،ھېلىقى سەن يۇقاپ كەتكەن كۈنى يولدا ئۇچرىغان غەلىتە مۇماي شۇ....

-ھە چاخچاق قىلىۋاتمايدىغانسە

-مۇشۇ تۇرقۇمدا چاخچاق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈندۈمما ساڭا

 مەن مۇراتتىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ ، يولنىڭ ئوتتۇرىدا كىتىۋاتقان مۇمايغا قايتا قارىدىم. ماشىنا ئۇدۇلىدا  موماي ھاسسىغا تايىنىپ بىزگە كەينىنى قىلىپ يولدا ئاستا كېتىپ باراتتى ....

-مۇرات سەن ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى ئۇچىرغان مۇماي ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسە ...ھە...!!

- ۋاي ، دەل ئۆزى شۇ ....ھەي ! ئارىدا سەل ئۇنتۇپتىكەنمەن... قايتا كۈرۈپ ئىسىمگە كەلدى....ھەرگىز خاتا ئەمەس....ئەمدى قانداق قىلىمىز ئىليار...ھە... قانداق قىلىمىز ؟...

- توختا، بەلكىم بۇمۇ سېنىڭ خىيالىي تۇيغۇڭدۇ...مەيلى راس بولسۇن ،يالغان بولسۇن،بۇ يولنى باسماي بوممايدۇ... مەن چۈشۈپ قاراپ باقاي ھە ....پەرىزىم خاتا بوممىسا ئۇ ھەقىچان مىنى ئىزدەپ كەلدى بولغاي...

-بولدى ،ئىليار... چۈشمە ....يانداپ ئۆتۈپ كېتەيلى ، ئۇ  ئايالنىڭ گەپ سۆزلىرى بەكلا غەلىتە، مىجەزىڭىز قوپال،قاراشقىلا شۇملۇق يېغىپ تۇرىدۇ....ياخشىسى چېقىلمايلى...

-ھە....مەيلى ئەمىسە... يانداپ ئۆتۈپ كېتەلەمسەن ؟...

-ئاۋال ھەيدەپ باقمايمەنمۇ....

 مۇرات شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قايتا قوزغىدى ئاندىن ئاستا سول قولنى بېسىپ يانداپ مېڭىشقا باشلىدى . مۇرات ماشىنىنى موماينىڭ سول يېنىدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى لېكىن ، موماي ئوڭ قولنى بېسىپ ماڭماي ئەكسىچە سول قولنى بېسىپ ، بىزنى يانداپ مېڭىشقا باشلىدى بىز مېڭىشقا ئامالسىز قالدۇق مۇرات جىلە بۇلۇپ ماشىنىنىڭ سىگنالىنى نەچچە قېتىم ئۇرغان بولساقمۇ ، لېكىن موماي ئاڭلىماسقا سېلىپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ، ھېلى ئۇياققا ، ھېلى بۇياققا مېڭىۋەردى .... ئاخىرىدا مەن چىدىياماي ، جىلە بولۇپ ماششىندىن چۈشۈپ موماينىڭ قېشىغا باردىم ....مۇماي مىنىڭ كەگىنىمنى بىلىپ توختىدى...

- ھەي ، موما يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىۋېلىپ نېمىش قىلىۋاتىسىز ، بۇنداق ماڭسىڭىز بەكلا خەتەرلىك... مەن سىزنى يولنىڭ ياقىسىغا ئۆتكۈزۈپ قوياي ھە....

 ئۇنىڭ چىرايىغا قايتا قارىدىم....ئۇ ئەمدى كۈزۈمگە باياتنقىدەك قوقۇنۇشلۇق كۈرۈنمەيۋاتاتتىمەن موماينى يۆلەپ يولنىڭ ياقىسىغا ئۆتكۈزۈپ قويماقچى بۇلۇپ ...بىلىكىدىن ئاستا تۇتۇپ يول ياقىسىغا قاراپ يىتىلىدىم... گەپ قىلمىدى  يۆل ياقىسىغا كەلدۇق، يەنە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ....يۈرۈگۈم بايامقىدىن خېلى ئىزىغا چۈشكەندەك قىلىدۇ... بەلكىم مۇرات ئارتۇق ئويلىۋاغاندۇ....

مەن ئۇنى يول ياقىسىدا قالدۇرۇپ ماڭماقچى بولغىنىمدا ،ئۇ تۇيۇقسىز قولۇمنى تۇتۇۋالدى ، مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم ،قارىدىميۇ يۈرىكىم قارت لا قىلىپ قالدى موماينىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل كۈكۈش نۇر چاقناپ كەتكەن ئىدى... شۇ ياشتىكى چوڭ ئاپاشلادا بولۇشقا تېگىشلىك مېھرىبانلىقتىن ئەسەرمۇ يوق، قارىماققىلا ئادەتتىكى مۇمايدەك قىممايتى.... مەن مومايغا سەل قاراپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن ...غايرەتكە كىلىپ دىدىم....

-مۇما ،بىرە ئىشىڭىز بارمىدى ....

 موماي ماڭا سىنچىلاپ خېلى ئۇزۇن  قارىۋەتكەندىن كېيىن ،كۆزلىرىدىن بىر خل سۇغۇق نۇر چاقنىتىپ تۇرۇپ ،بوغۇق بىر ئاۋازدا دىدى....

- ئىليار زۇننارنى ماڭا بە.... ئۇ سەن ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس... ماڭا بە....تىز ...ماڭا بە....

 پەرىزىم توغرىكەن،مۇماي چۇقۇم ئاخشامقى قىزنى بىلىدۇ...لىكىن ئۇ ماڭا بۇنى ياخشى ساقلاڭ دىگەن....ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەي تۇرۇپ ،بۇنى ئالدىراپ باشقىلاغا تۇتقۇزۇشقا بوممايدۇ...

مەن شۇلانى ئويلاپ،ئۈزۈمنى بىر رۇسلىۋېلىپ مۇمايغا دىدىم....

-نېمە... قايسى زۇننار....؟؟

-خۇپسەنلىك قىلىمەن دىمە سولتەك....قايسى زۇننارنى دەۋاتقىنىمنى ئوبدان بىلىسەن....ئۇنى ماڭا بە....ئۇ سەندەك كىچىك بالىلا ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس....

- سىز  سىز مەندە ئۇنىڭ بارلىقىنى قانداق بىلىسىز ؟

-ھىم....سولتەك... مەن سەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىمەن قاشتاش زۇننارنى ماڭا بە....ئۇنى ماڭا بەسەڭ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولالايسەن.... ئويلىغىنىڭدىن ئۇزۇنراق ياشىيالايسە....چۈشەندىڭمۇ....

-مەن....مەندە... مەندە قاشتېشى زۇننار  يوق . با بوغان تەقدىردىمۇ مەن ئۇنى ھەرگىز ئالدىراپ ياتۋاش بىرىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزمايمەن...

-سولتەك مەندە يوق دەپ قۇتۇلالمايمەن دەۋاتامسەن.... ياخشىلىقچە زۇننارنى چىقا....

-ھېي.... ئۇ زۇننارنى يا مەن سىزدىن ئالمىسام نېمىشقا سىزگە بەرگۈدەكمەن .... بەرسەممۇ ئىگىسىگە بېرەمەن ؟ ....

-قارىغاندا ھۆرمەت شارابى ئىچمەي ،جازا شارابى ئىچىدىغان ئوخشىمامسەن...ھە....ئۇنىڭ ئىگىسى مانا مەن ئۇختۇڭمۇ.... مانا مەن....ئۇ دېگەن مېنىڭ زۇننارىم .... مېنىڭ زۇننارىم.... ئۇنى ماڭا بېرىشىڭ كېرەك .... ماڭا بە.... ماڭا بە....تىز ماڭا بە.. . مەن موماينىڭ سۆزلىرىنى ۋە سۆزلىگەندىكى ياۋۇز تەلەتى راسلا ئادەمنى قوقۇتاتتى....

- كەچۈرۈڭ موما، ئۇ دېگەن خەقنىڭ ماڭا بەرگەن ئامانىتى...  سىزگە بېرەلمەيمەن، يولنى بوشىتىپ بەرسىڭىز ، بىز ئۆتۈۋالساق قانداق ....

-ۋۇ ياخشىلىق ياراشمايدىغان سولتەك....سەن چۇقۇم مبۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسەن....ئۇختۇڭمۇ بەدەل تۆلەيسەن

-بۇلىدۇ،قېنى كۆرەمىز....تەقدىرىم شۇنداق بوسا مىنىڭمۇ قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئامالىم يوق....باشقا كەلگەننى كۆرەمەن....

- سەن ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى . ئۇ زۇننارنى ئالماسلىقىڭ كېرەك ئىدى ، ئەمدى سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئەندىشە ئاۋارىچىلىق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتىدۇ .... ياخشسى زۇننارنى ماڭا بىرىپ ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشماي كۈنۈڭنى ئال....

مەن مۇمايغا قارىدىم...لىكىن نىمىشقىكىن  كۆڭلۈم خېلىلا تىنىچلىنىپ قالغان ئىدى....

-مەن ئۈچۈن ئويلىغىنىڭىزغا رەھمەتخوش ئەمىسە....

 -ۋۇ ھاماقەت سولتەك ،سەن ئۈلۈپ كىتىسەن...بۈگۈنكى بۇ ئىشىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىسەن....

مەن مۇمايغا قاراپ خوش دەپ قۇلۇمنى پولاڭلىتىپ قويدۇمدە ماشنىغا قاراپ ماڭدىم....مۇرات ماششىنىدا جىددىيلەشكىنىچە مىنى نساقلاپ ئولتۇراتتى

مەن كابىنكىغا چىقىپ ئۈزۈمنى ئۇرۇندۇققا تاشلىدىم...جىددىيچىلىك ،قورقۇنۇچمۇ يۇقاپ خېلى ئوبدانلا تىنىچلىنىپ قاغانىدىم....

-ھەي ئىليار...ساڭا بىرە ئىش بوممىغاندۇ....ئۇ مۇماي بىلەن ھەجەپ ئۇزاق پاراڭلىشىپ كەتتىڭلاغۇ....ئىككىڭلا تۇنۇشامسىلە

-بولدى سورىما...ماشىننى ھەيدە

مۇرات گاڭگىرىغىنىچە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ماڭا قاراپ تۇراتتى....

-ۋاي-ۋۇي ،كۈزۈڭنى كاسايا ئوغرىسىدەك چىمچىقلىتىپ تۇرماي ،ما ئىشەك ھارۋاڭنى ھەيدىگىنە بىر ....

-ۋاي ماقۇل ..سورىمىسام سورىماپتىمەن،نىمىگە چالۋاقايدىكىنە

مۇرات شۇنداق دىگىنىچە مەندىن دىققىتىنى رولغا بۇراپ ھەيدەشكە تەييارلاندى....

-ھەي....ئىليار...ھېلىقى مۇماي قېنى....يەنە يوققۇ....

ئۇنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ ئۇدۇلغا قارىدىم....باياتىن مۇماي تۇرغان يەردە ئۇ تۈگۈل سايىسىمۇ كۈرۈنمەيتى....

-ھىم...ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بوممىسۇن....ھەيدە....

مۇماينىڭ يۇقاپ كىتىشى ماڭا يىڭىلىق بىلىنمىدى....بۇ ئىشلانىڭ راس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىككە باھانەم قاممىغان ئىدى....دىمەك بۇ ئىشلانىڭ ھەممىسى راس

مەن يانچۇقۇمدىن زۇننارنى ئېلىپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم....ئاپئاق سۈپسۈزۈك  سوقىچاق كەلگەن بىر دانە چىلان چوڭلۇقىدىكى قاشتاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىپقىزىل قان رەڭگىدە داغ تۇراتتى....

مەن زۇننارنى يۈتتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بوينۇمغا ئېسىۋالدىم.بەلكىم بۇ مىنىڭ تەقدىرنىڭ چاقچىقىغا ئىدىيەمدە تەييارلىنىپ بولغانلىقىمنى بىلدۈرسە كىرەك،كىينكى قەدەملىرىمدە مىنى

قانداق تەقدىرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن....جەزىملەشتۈرەلەيدىغىنىم.. بۇ مەن ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىيدە ئۇيۇن....مەن خالاي خالىماي بۇ رولنى چۇقۇم ئېلىشم كىرەكبوپتۇ ....قېنى كۈرۈپ باقمامدۇق..

ماششىننىڭ كەينىنى كۈرۈش ئەينىكىدىن كۈزۈمنى ئۈزمەي پەرۋاسىزلارچە ئولتۇراتتىم....ئەينىكتە ماشىنا كەينىدىن بىزگە قاراپ تۇرغان مۇماينىڭ سماسى ئاستا ئاستا بىزدىن يىراقلىشىۋاتاتتى....

 

تۈگىدى ..

相關焦點